ئامېرىكا: تۈركىيەنىڭ نېمىلەرنى ھېس قىلغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلمىدۇق
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى ئانتونىي بلىنكېن، تۈركىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن نېمىلەرنى ھېس قىلغانلىقىنى چۈشىنەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۆزى جەريانىدا، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى توغرىسىدا توختالغان مۇئاۋىن مىنىستىر بلىنكېن، ئامېرىكىنىڭ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە باھا بېرىپ، «رېئاللىق شۇكى، كۆپىنچىمىز تۈركىيەدە 15 – ئىيۇل ۋەقەلىرى توغرىسىدا نېمىلەرنىڭ ھېس قىلىنغانلىقىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتەلمىدۇق» دېدى.
تۈرك خەلقىنىڭ 15 – ئىيۇلدا دۆلىتىگە ۋە دېموكراتىيەسىگە قەھرىمانلارچە ئىگە چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن بلىنكېن، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى دائىرىسىدە تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى - ناتو ئىتتىپاقدىشى ئىككى دۆلەت ئىكەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن بلىنكېن، «تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىدىنمۇ چوڭ دوستى يوقتۇر. ئىتتىپاقدىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلانغان ھۆكۈمىتىنى ۋە ئورگانلىرىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.