ئامېرىكىنىڭ پ ي د نى قورال بىلەن تەمىنلەشتىن ۋاز كەچكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيە قانىتى بولغان پ ي د غا بىۋاسىتە قورال ياردىمى بېرىشتىن ۋاز كەچكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

601967
ئامېرىكىنىڭ پ ي د نى قورال بىلەن تەمىنلەشتىن ۋاز كەچكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پ ي د غا بىۋاسىتە ھالدا كۆپ مىقداردا قورال ياردىمى بېرىشنى پىلانلىغان ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ، تۈركىيەنىڭ بېسىملىرىدىن كېيىن مەزكۇر قارارىنى توختىتىپ قويغانلىقى بىلدۈرۈلدى؛ ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى، تۈركىيەنىڭ سىياسىي بېسىملىرى ۋە پ ي د بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، مۇشۇنىڭدەك بىر قارارنى چىقارغانلىقىنى يازدى. گېزىت يەنە، ئامېرىكىلىق بىر ھەربىي ئەمەلدارنىڭ تۈركىيە بىلەن قارشىلىشىپ قالماسلىقى توغرىسىدا پ ي د نى ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنىمۇ تەكىتلىدى.

گېزىتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئەمەلدار، راققەگە قىلىنغۇسى بىر ھەرىكەتنىڭ ئەڭ ئېغىر كىرىزىسىنىڭ ئەرەبلەر بىلەن پ ي د ئارىسىدىكى توقۇنۇشتىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى، ئەلبابنىڭمۇ بۇ سەۋەبتىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

«نىيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بىر ئانالىزىدا بولسا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىغا يوليورۇق چۈشۈرۈپ، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشنىڭ سۈرئىتىنىڭ ئاشۇرۇلۇشىنى ۋە پ ي د نىڭ تېخىمۇ كۆپ قورال بىلەن تەمىنلىنىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى. ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلار گېزىتىنىڭ دەۋاسىنى رەت قىلمىغان، ھەتتا مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر ياردەملەرنىڭ كېرەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

23 – سېنتەبىردە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئامېرىكىنىڭ پ ي د گە بېرىش ئۈچۈن كوبانىغا قورال قاچىلانغان ئىككى ئايروپىلاننى قوندۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنى ئېغىر شەكىلدە ئەيىبلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر