سۈرىيە خەلقى بۇ قېتىم شىددەتلىك بۇران ۋە يامغۇر تۈپەيلى ئېغىر ئەھۋالغا قالدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى پاناھلانغۇچىلار لاگېرى ۋە چېدىر شەھەرلىرى سۇ ئاستىدا قالدى.

601975
سۈرىيە خەلقى بۇ قېتىم شىددەتلىك بۇران ۋە يامغۇر تۈپەيلى ئېغىر ئەھۋالغا قالدى
suriye çadırkent su altında kaldı1.jpg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسەد ھۆكۈمىتى ۋە رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدىن قاچقان سۈرىيە پۇقرالىرى ئۈچۈن سۈرىيەنىڭ شىمالىغا قۇرۇلغان چېدىر شەھەرلىرى شىددەتلىك بۇران ۋە يامغۇر تۈپەيلى سۇ ئاستىدا قالدى.

بابۇسسەلام چېگرا ئېغىزىنىڭ جەنۇبىدا ۋە ئازەزنىڭ شىمالىدا فۇرقان، مۇخابىرىن ۋە يېشىل ئەللەر دەپ ئاتىلىدىغان پاناھلانغۇچىلار لاگېرى بىلەن ئىدلىبنىڭ شىمالىدىكى تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن يەرگە قۇرۇلغان ئامە چېدىر شەھىرى يامغۇر سۈيى ۋە لاي – لاتقا ئارىسدا قالدى.

ئون مىڭلىغان سۈرىيە خەلقىگە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان ۋە زەيتىن باغلىرى ئارىسىغا قۇرۇلغان ئۆتمە – تۈشۈك چېدىرلاردىن تەشكىل تاپقان لاگېرلاردا ياشاۋاتقان كىشلەر بىر تەرەپتىن قىش يېقىنلىشىشى تۈپەيلى سوغۇق ھاۋاغا قارشى كۈرەش قىلسا، يەنە تەرەپتىن يامغۇر سۈيى سەۋەبىدىن لاي – لاتقىلارغا قارشى كۈرەش قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا.

چېدېر شەھەرلىرىدە بۇران ۋە يامغۇر سەۋەبىدىن چېدىرلارنىڭ بىر قىسمى پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشتى. يەنە بىر قىسمى سۇ ئاستىدا قالدى.

ھەممە يېرىنى لاي – لاتقا قاپلاپ كەتكەن جېدىر شەھىرىدە تۇرۇشلۇق سۈرىيە پۇقرالىرىنىڭ تۇراقلىق جاي، ئىسسىنىش ۋە كېيىم – كېچەككە جىددى ئېھتىياجى بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر