ئامېرىكا راققە ھەرىكىتىنىڭ قاچان باشلىنىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، سۇرىيەنىڭ راققە شەھىرىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىش ۋاقتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

601155
ئامېرىكا راققە ھەرىكىتىنىڭ قاچان باشلىنىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇداپىئە مىنىستىرلىقى - پېنتاگون باياناتچىسى پېتېر كۇك، راققەنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ مۇسۇلدىكى ھەرىكەت بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا داۋاملاشتۇرۇلۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، «راققەنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە باشلىنىدۇ» دېدى.

مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كۇك، پېنتاگوندىكى كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا  تەييارلىقلىرى داۋاملىشىۋاتقان راققە ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا توختالدى؛ ئۇ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى بىرلەشمىنىڭ ھەم مۇسۇل ھەم راققەدە تەشكىلاتقا بېسىم ئىشلىتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن راققە ھەرىكىتىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشلاش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.

«دائېشقا قىلىنىۋاتقان بېسىمنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز لازىم. بۇ ئەھۋال راققەنىڭ تازىلىنىشىنى پات پۇرسەتتە باشلاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.» دېگەن كۇك، ئالدى بىلەن شەھەرنىڭ مۇھاسىرىگە ئېلىنىدىغانلىقىنى، ئارقىدىن بەزى ھەربىي قەدەملەرنىڭ تاشلىنىدىغانلىقىنى، ئاخىرىدا راققەنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پېتېر كۇك، راققە ھەرىكىتىگە تۈركىيەنىڭ قوشىدىغان تۆھپىسى ياكى رولىنىڭ نېمىلەردىن ئىبارەت بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا، «تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل بىرلەشمە قىسىملىرىنىڭ قانداق تۆھپىلەرنى قوشىدىغانلىقى مەسىلىسىنىڭ ئۆزئارا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق بېكىتىلىدىغانلىقى» نى ئېيتتى.

ئەنقەرە بىلەن ۋاشىنگتون ئارىسىدىكى مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن باياناتچى، راققەنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى توغرىسىدا ئىككى ئىتتىپاقداش دۆلەت ئارىسىدا يېقىن ھەمكارلىقنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر