كانادا 300 مىڭ يېڭى كۆچمەن قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

رومېنىيە ۋە بۇلغارىيە پۇقرالىرى 2017 – يىلى 1 – دېكابىردىن باشلاپ، كاناداغا ۋىزىسىز كېلەلەيدىغان بولدى.

601073
كانادا 300 مىڭ يېڭى كۆچمەن قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا 2017 – يىلىدا 300 مىڭ يېڭى كۆچمەن قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كانادا گەرەژدانلىق ۋە كۆچمەنلىك ئىشلىرى مىنىستىرى جون مىككاللۇم ئوتتۇۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كانادانىڭ ھەر يىلى ئىجرا قىلىڭ كېلىۋاتقان يىلىغا 300 مىڭ كۆچمەن قوبۇل قىلىش پىلانىنىڭ 2017 – يىلىدىمۇ ئوخشاش داۋاملىشىدىغانلىقى جاكارلاندى.

جون مىككاللۇم ئاساسلىق نىشانىنىڭ ئىقتىسادتا زورىيىۋاتقان ئەمگەك كۈچى ئېھتىياجىنى قامداش ۋە بارغانسىرى ياشىنىپ كېتىۋاتقان ئومۇمىي نوپۇسنى ياشلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مىنىستىر جون مىككاللۇمنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، كۆچمەن قوبۇل قىلىش پىلانىدا مائارىپ سەۋىيەسى يۇقىرى، كەسپ ئىگىسى ۋە سودا – سانائەتنى مەركەز قىلغان كۆچمەنلەر ئېغىر سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. 300 مىڭ كىشىلىك پىلاننىڭ 2 – چوڭ قىسمىنى بولسا، ئائىلە بىرلەشتۈرۈش دائىرىسىدە كاناداغا كېلىدىغان كۆچمەنلەردىن تەركىپ تاپىدىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن كانادا گەرەژدانلىق ۋە كۆچمەنلىك ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، رومېنىيە ۋە بۇلغارىيە پۇقرالىرىغا قارىتا 2017 – يىلى 1 – دېكابىردىن باشلاپ، ۋىزا رەسمىيەتلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقى جاكارلاندى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر