مىسىردا سەل ئاپىتى يۈز بېرىپ، 29 ئادەم ئۆلدى
مىسىردا بىر قانچە كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان شىددەتلىك ھۆل – يېغىن ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى.
599759
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىرنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەھەرلىرىدە مەيدانغا كەلگەن سەل ئاپەتلىرىدە 29 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 72 ئادەم يارىلاندى.
مىسىردا بىر قانچە كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان شىددەتلىك ھۆل – يېغىن ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى. كوچا – كويلا سۇ ئاستىدا قالدى؛ كۆۋرۈكلەر ۋە بەزى ئاستقۇرۇلما سىستېمىلىرى زىيانغا ئۇچرىدى. سەل ئاپىتىدە يەنە، يۈزلەرچە كىشى ئۆي – ماكانسىز قالدى، نۇرغۇن ئاپتوموبىل كاردىن چىقتى.
دۆلەت، ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بىلدۈرۈلىشىچە، مىسىردىكى ناچار ھاۋا شارائىتىنىڭ يەنە بىر ھەپتە داۋاملىشىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن.