فىرات قالقىنى ھەرىكىتى نەتىجىسىدە 164 ئولتۇراق رايوننىڭ كونتروللۇقى تارتىپ ئېلىندى

بۇ قېتىمقى نۇقۇنۇشلاردا 3 نەپەر سۈرىيە قوزغىلاڭچىسى شېھىت بولدى ۋە 4 نەپىرى يارىدار بولدى.

599399
فىرات قالقىنى ھەرىكىتى نەتىجىسىدە 164 ئولتۇراق رايوننىڭ كونتروللۇقى تارتىپ ئېلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە باشلانغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى 67 – كۈنىگە قەدەم قويدى.

نۇقۇنۇشلاردا 3 نەپەر سۈرىيە قوزغىلاڭچىسى شېھىت بولدى ۋە 4 نەپىرى يارىدار بولدى.

بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا تەۋە 50 نىشان شۇنداقلا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيروقچىسى پ ي د غا تەۋە 15 نىشان بومباردىمان قىلىندى. 

ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دائېش ۋە پ ي د نىڭ بەلگىلەنگەن نىشانلىرى ۋەيران قىلىپ تاشلانغان.

فىرات قالقىنى ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان جەمئىي 164 ئولتۇراق رايون ۋە تەخمىنەن 1305 كۇۋادىرات كېلومېتىر زېمىننىڭ كونتروللۇقى تارتىپ ئېلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ھەربىي ھەرىكەتتىمۇ 2 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر