پۇتىن: گۈلەننىڭ قىلمىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ تۈركىيەنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلىشىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

598784
پۇتىن: گۈلەننىڭ قىلمىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلىشىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

پۇتىن ۋالدي چۈشەنچە ئورگىنىنىڭ سوچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا سۆز قىلدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۆزىگە قارىتىلغان بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، قايسى ھاكىمىيەت بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە باشقا بىر دۆلەتنىڭ ئارىلىشىشنىڭ قەتئىي توغرا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەندە، ئەردوغاننىڭ 15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئىسيانننىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە تەشكىلاتنىڭ كاتتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى دېگەن پۇتىن مۇنداق دېدى: «قايسى ھاكىمىيەت بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە باشقا دۆلەتنىڭ ئارىلىشىشى قەتئىي توغرا ئەمەس، مەيلى سىبەر ھۇجۇملار بولسۇن، مەيلى باشقا ئۇسۇللاردا بولسۇن ياكى بۇ دۆلەتتىكى تەشكىلاتلار ۋاستىسى بىلەن بولسۇن بۇ قىلمىشنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.»

يىغىندا سۈرىيە مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختالغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى، ھەلەب شەھىرىدە پۇقرالار بولسىمۇ تېررورچىلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن باشقا تاللاش يولىنىڭ يوقلىقىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ: #گۈلەن , #پۇتىن

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر