ئامېرىكىدا يېڭى پىرېزىدېنت ئۈچۈن بالدۇر ئاۋاز تاشلاش باشلاندى

ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىشتاتلىرىدا 8-نويابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۈچۈن بالدۇر ئاۋاز تاشلاش باشلاندى.

597160
ئامېرىكىدا يېڭى پىرېزىدېنت ئۈچۈن بالدۇر ئاۋاز تاشلاش باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۈچۈن بالدۇر ئاۋاز تاشلاش باشلاندى. ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا باشلانغان بالدۇر ئاۋاز تاشلاشتا تەخمىنەن 46 مىليون ئادەمنىڭ بېلەت تاشلىشى مۆلچەرلەندى. بالدۇر ئاۋاز تاشلاش ئىشلىرى باشلانغان ئىللىنوئىس، تېكساس ۋە كانزاس ئىشتاتلىرىدا كىشىلەرنىڭ سايلامغا كۆڭۈل بۆلۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئاۋاز تاشلاشنىڭ باشلىنىشى بىلەن، سايلام ساندۇقىغا بېلەت تاشلاش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەر ئۇزۇن ئۆچرەتلەرنى پەيدا قىلدى.

مۇتەخەسسىسلەر، بۇ ئەھۋالنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپ ئۈچۈن پايدىسىز، سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى تۆۋەن بولغاندا جۇمھۇرىيەتچىلەرگە پايدىلىق بولىدۇ، دەپ قارىماقتا. دۆلەتنىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرىدا سايلىغۇچىلار پوچتا ئارقىلىقمۇ ئاۋاز تاشلىيالايدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئاۋاز تاشلاش ئىشلىرى تالاش-تارتىش ئىچىدە باشلاندى. دونالد ترامپ نۇرغۇنلىغان ئىشتاتلاردا سايلامغا ھىيلە ئارىلاشتۇرۇلدى، دەپ دەۋا قىلدى. ئۇ 10 يىل بۇرۇن ئۆلگەنلەر ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئاۋاز تاشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەسئۇل دائىرىلەر، دونالد ترامپنىڭ دۋالىرىنى «مەسئۇلىيەتسىزلىك» بىلەن ئەيىبلەپ، ئاۋاز تاشلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىنتېرنېتقا ئۇلانمىغانلىقىنى ۋە ھېچقانداق توسقۇنلۇقنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

تېنىس ئىشتاتىدا داڭلىق پوپ ناخشىچى جاستىن تىمبېرلېيىكنىڭ فوتوگرافى مۇنازىرە قوزغىدى. ئىشتات قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، سايلام ساندۇقى بېشىدا فوتوگراف تارتىش جىنايەت بولۇپ، ناخشىچىنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئارىدىن بىر قانچە سائەت ئۆتكەندە ئىشتات تەپتىشى تىمبېرلېيىكنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن چەكلىك بولغان مالىيەدىن پۇل ئاجرىتىش نىيەتلىرىنىڭ يوقلۇقىنى، تەكشۈرۈش باشلانغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر