ئامېرىكىدا ساقچىلار ئىككى گۇماندارنى ئېتىۋەتتى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ماريلاند ئىشتاتىدا ھەر خىل جىنايەتلەرنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئىككى گۇماندار ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، دېلاۋېر ئىشتاتىدىن ئوغرىلاپ كېتىلگەن قورال بىلەن سادىر قىلىنغان ئېلكتون شەھىرىدىكى بىر ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە ئارىلاشقانلىقى تۈپەيلى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بىرى ئەر ، بىرى ئايال ئىككى كىشىنىڭ بىر مېھمانخانىدا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلارنى ياتاقلىرىدىن چىقىشنى تەلەپ قىلدى. لېكىن، ئەر گۇماندارىنىڭ ساقچىلارغا قورال تەڭلىشى بىلەن ساقچىلار گۇماندارغا ئوق چىقاردى. ئارقىدىن ئايال گۇماندارمۇ ساقچىلارغا قورال تەڭلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ ئېتىۋېتىلدى.
ئىككى گۇماندار نەق مەيداندا ئۆلدى. ساقچىلار ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.