«مېركېل ياۋروپادىكى ئەڭ خەتەرلىك سىياسىيون»

ئاۋىستىرىيەنىڭ ئاشقۇن ئوڭچىل ئەركىنلىكلەر پارتىيەسى رەھبىرى Hans Christian Strache گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ خەتەرلىك سىياسىيون ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

596881
«مېركېل ياۋروپادىكى ئەڭ خەتەرلىك سىياسىيون»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: Strache پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرىغا خىتاب قىلغاندا، مېركېلنى «كۆچمەنلەرنىڭ ياۋروپاغا سەلدەك ئېقىشىغا سەۋەب بولغان شەخس» دەپ ئەيىبلىدى ھەمدە ئۇنى «ياۋروپادىكى ئەڭ خەتەرلىك سىياسىيون» دەپ ئاتىدى.

ئۇ، مېركېلنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مېركېلنىڭ ياۋروپانى خەۋپكە دۇچار قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «مېركېل ياۋروپادىكى ئەڭ خەتەرلىك سىياسىيون. كەڭ قورساقلىق سىياسىتى بىلەن بارلىق ئىشىكلەرنى دۇنيا قارىشى ياۋروپاغا ماس كەلمەيدىغانلارغا، ئىسلامچىلارغا، نامرات كۆچمەنلەرگە ۋە قىمارۋازلارغا كەڭ ئاچتى. بۇ ئۆزگىرىشلەر جەمئىيىتىمىزنىڭ ئاساسلىرىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋەتتى. ياۋروپانى پالاكەتكە دۇچار قىلدى. كۆچمەنلەر ياۋروپادا ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.»

ئۇ، ئاۋىستىرىيە ھۆكۈمىتىنى كۆچمەنلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھېچقانداق ئىش قىلماسلىق بىلەن ئەيىبلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر