يەمەننىڭ ئورنىغا ئىيوردانىيە ئەرەب ئىتتىپاقى يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ

28-نۆۋەتلىك ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا يەمەننىڭ ئورنىغا ئىيوردانىيە ساھىبخانلىق قىلىدۇ.

596275
يەمەننىڭ ئورنىغا ئىيوردانىيە ئەرەب ئىتتىپاقى يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيە كېلەر يىلى مارت ئېيىدا چاقىرىلىشى پىلانلانغان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 28-نۆۋەتلىك ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باياناتچىسى ماھمۇد ئافىفى بۇ ھەقتە يازما بايانات بېرىپ، ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ناسىر جۇدەنىڭ ئىيوردانىيەنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئافىفى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ قاچان چاقىرىلىدىغانلىقىنى بېكىتىش ئۈچۈن مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 ئافىفى يەنە يەمەننىڭ 17-ئۆكتەبىردە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، 28-نۆۋەتلىك ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلمايدىغانلىقلىرىنى، شۇڭا  بۇ ۋەزىپىنىڭ ئاپتوماتىك ھالدا  ئىيوردانىيەگە ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.  

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ ئادەتتىكى يىغىنلىرى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى سەۋىيەسىدە مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرىدىكى مەركەز بىنادا چاقىرىلىدۇ. رىياسەتچىلىك قىلىدىغان دۆلەت خالىسا ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى چاقىرىسا بولىدۇ، ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىش دۆلەت ئىسىملىرىنىڭ ئېلىپە تەرتىپى بويىچە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر