كېنىيەدە بومبىلىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

كېنىيەنىڭ ماندەرا شەھىرىدە بومبىلىق يۈز بېرىپ 12 ئادەم ئۆلدى، نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى.

596386
كېنىيەدە بومبىلىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېنىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ماندەرا شەھىرىدە بومبىلىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 12 ئادەم ئۆلدى.

بىشارو مېھمانخانىسىنى نىشان قىلغان ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەردىن 10ى مەكتەپلەردە لېكسىيە سۆزلەش ئۈچۈن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى شەھەرگە كەلگەن مېھمانلاردىن تەشكىل تاپىدىكەن.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۈستىگە ئالمىدى، بىراق ئەش-شەباب تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن گۇمان قىلىنماقتا.

سومالى چېگرىسىغا جايلاشقان ماندەراغا قاراشلىق بۇللا تۇرالغۇ رايونىدا 6-ئۆكتەبىردە مەيدانغا كەلگەن 6 ئادەم ئۆلگەنىدى.

كېنىيە پات-پات شەرقىي شىمالدىكى قوشنىسى سومالىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەش-شەبابنىڭ ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلمەكتە،2015-يىلى 2-ئاپرېلدا كېنىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان گارىسسا ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئەش-شەباب سادىر قىلغان ھۇجۇمدا كۆپ قىسمى ئوقۇغۇچى بولۇپ جەمئىي 148 ئادەم ئۆلگەنىدى. تەشكىلات ئافرىقا تىنچلىقنى ساقلاش قىسىملىرى دائىرىسىدە سومالىغا ئەۋەتكەن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرمىگەن تەقدىردە كېنىيەدىمۇ تېررورلۇق ھۇجۇملىرى سادىر قىلىش بىلەن تەھدىت سالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر