ئىككى تۈركىيەلىك دائېشنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى
لىۋىيەنىڭ سىرتە شەھىرىدىكى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا قۇتقۇزۇلغان تۈركىيە پۇقراسى سانىنىڭ ئىككى ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسراتە ھەربىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم بەيتۇلمال ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، «سىرتەدە دائېشتىن قۇتقۇزۇلغان تۈرك سانى ئىلگىرى ئېلان قىلىنغاننىڭ ئەكسىچە بىر ئەمەس، ئىككى» دېدى.
قۇتقۇزۇلغان كىشىلەرنىڭ نۆۋەتتە لىۋىيە مەملىكەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق قىسىملارنىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى بىخەتەر بىر جايدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بەيتۇلمال، لىۋىيە دائىرىلىرىنىڭ ئىككى تۈركىيە پۇقراسىنى تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن، تۈركىيە كونسۇلخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
لىۋىيە مەملىكەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق قىسىملارنىڭ «ئەلبۇنيان ئەلمەرسۇس (مۇستەھكەم تۇتقا)» ناملىق ھەرىكەت كۈچلىرى قوماندانلىقى تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، سىرتەدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە تەشكىلات گۆرۈگە ئېلىۋالغان بىرى تۈركىيەلىك بولۇپ جەمئىي 13 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
بۇ جەرياندا، لىۋىيە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق كۈچلەر ئامېرىكىنىڭ ھاۋادىن ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا ئالتە ئاي داۋاملاشقان ھەربىي ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە، پورت شەھەر سىرتەنىڭ كۆپ قىسمىنى قولغا كىرگۈزدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.