قاتارنىڭ ئاغدۇرۇۋېتىلگەن سابىق ئەمىرى ئالەمدىن ئۆتتى

قاتارنىڭ سابىق ئەمرى ، ھازىرقى ئەمىر شەيخ تەمىمنىڭ بوۋىسى خەلىفە بىن ھەمەد ئەلسانى 84 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

595753
قاتارنىڭ ئاغدۇرۇۋېتىلگەن سابىق ئەمىرى ئالەمدىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلىفە بىن ھەمەد ئەلسانىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن قاتاردا ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىندى. 1932 – يىلى دۇنياغا كەلگەن خەلىفە بىن ھەمەد ئەلسانى 1960 – يىلى تەخت ۋارىسى شاھزادە ئېلان قىلىندى؛ قاتار مۇستەقىللىقكە ئېرىشىپ بەش ئاي ئۆتكەندىن كېيىن يەنى، 1972 – يىلى فېۋرالدا ئاكىسىنىڭ تەختىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.

خەلىفە بىن ھەمەد ئەلسانى مەزگىلىدە كۆپلىگەن ئىدارە – ئورگان ئىسلاھاتلىرى ئېلىپ بېرىلدى؛ چەت ئەل شىركەتلىرى بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىملەرمۇ دۆلەتنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

خەلىفە بىن ھەمەد ئەلسانى 1995 – يىلى شېۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان مەزگىلىدە ئوغلى ھەمەد بىن خەلىفە تەرىپىدىن قانسىز ئاخىرلاشقان بىر ساراي ئىسيانى بىلەن ۋەزىپىسىدىن يىراقلاشتۇرۇلدى  9 يىل چەت ئەلدە ياشىغان خەلىفە بىن ھەمەد ئەلسانى، ئىسيانچى ئوغلى بىلەن يارىشىپ 2004 – يىلى دۆلىتىگە قايتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر