ھايتىدا بىر تۈرمىنىڭ مەھبۇسلىرى قېچىپ كەتتى
ھايتىنىڭ شىمالىدىكى بىر تۈرمىدىكى 174 مەھبۇسنىڭ بىر مۇھاپىزەتچىنى ئۆلتۈرۈپ، تۈرمىدىن قېچىپ كەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
595257
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھايتى دائىرىلىرى ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا ساقچىلارنىڭ قوراللىرىنى ئالغان ھالدا قاچقان مەھبۇسلارنى قوغلاپ تۇتۇش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلىدى.
مەھبۇسلارنىڭ تۈرمە كىيىمىنىڭ يوقلۇقىنىڭ ئۇلارنىڭ قېچىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.
ئالاقىدار تارماقلار، ۋەقە جەريانىدا بىر مەھبۇسنىڭمۇ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.