«تۈركىيەنىڭ ياردىمى بولمىسا، بۇنچىلىك زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولاتتۇق»

ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى گېنېرال جوزېف ۋوتېل تۈركىيەنىڭ ياردىمى بولمىسا، ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ بۇنچىلىك زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

593452
«تۈركىيەنىڭ ياردىمى بولمىسا، بۇنچىلىك زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولاتتۇق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋوتېل ئامېرىكا  تەرەققىيات تەتقىقات ئورگىنىدا چاقىرىلغان يىغىندا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ ھازىرغىچە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشكە ناھايتى زور ھەسسە قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشتە  مۇھىم ھەم ھالقىلىق  بىر دۆلەت. شۇنداقلا ناتو دىكى مۇھىم  ئىتتىپاقدىشىمىز. شۇڭا، بۇ كۈرەشتە تۈركىيە ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدىكى مۇھىم بىر دۆلەت  ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر تۈركىيەنىڭ ياردىمى بولمىسا، ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ سۈرىيەدە بۇنچىلىك زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشى مۇمكىن بولمىغان بولاتتى.»

تۈركىيەنىڭ سۈرىيە چېگرا  رايونلىرىدىكى جەرابلۇستىن باشلاپ، غەربكە سوزۇلغان ھەربىي ھەرىكەتلەرگە ناھايتى زور ھەسسىلەرنى قوشقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋوتېل، «بولۇپمۇ دابىقنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى، بۇ ھەرىكەت ئۇدا 9 سائەتتىن ئارتۇقراق داۋاملاشتى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتنى تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ئۆز ۋاقتىدا بىز تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن بەزى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق قولغا كەلتۈردۇق» دېدى.

مۇسۇلنى دائېشتىن ئازاد قىلىش ھەرىكىتى توغرىلىقمۇ توختالغان ۋوتېل، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقى توغرۇلۇق بىر نەرسە دېيىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

سۈرىيەدىكى مۇنبىچنى ئېلىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇدا 71 كۈن  داۋاملاشقانلىقىنى قەيت قىلغان ۋوتېل دائېشنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان مۇسۇلدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھەمدە شەھەرنى قوغداش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈپ قويغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتمەسلىكنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئىراق ئارمىيەسى مۇسۇلنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلاش ئۈچۈن، پەشمەرگە كۈچلىرى ۋە كۆپىنچىسىنى باشىكا لاگېرىدىكى تۈرك ئەسكەرلىرى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ چىققان نىنوۋا مۇجاھىدلىرى بىلەن بىرلىكتە 17 – ئۆكتەبىر كۈنى ھەربىي ھەرىكەت باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر