«دونالد ترامپ ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئېتىغا ئوخشاش ساغلام ئادەم»

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپ بىلەن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى ھىلارى كلىنتون تېلېۋىزوردا مۇنازىرە قىلىپ ئارىدىن 24 سائەت ئۆتكەندە، نىيۇ يوركتىكى بىر كاتولىك ۋەخپىنىڭ تاماق زىياپىتىدە ئۇچراشتى.

594350
«دونالد ترامپ ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئېتىغا ئوخشاش ساغلام ئادەم»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىلارى كلىنتون بىلەن دونالد ترامپ كاتولىك تەشكىلاتى ئالفرېد ئى. سىمىس مېمورىيال ۋەخپىنىڭ يىللىق ياردەم تاماق زىياپىتىدە، يەنە بىر-بىرى بىلەن تۇتۇشۇپ قالدى. مۇنبەرگە بىرىنچى بولۇپ چىققان دونالد ترامپ ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىدە بىر تەرەپكە يانباسقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ: «بىز ئەسلىدە بىر-بىرىمىزگە قارشى مەدەنىي بولالايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىغان ئىدۇق، يەنى مۇنبەرگە چىقىشتىن بۇرۇن. ھىلارى كلىنتون ئۇشتۇمتۇت ماڭا سوقۇلۇپ كەتتى ۋە ناھايىتى مەدەنىي ھالدا <كەچۈرۈڭ> دېدى. مەنمۇ ناھايىتى ئەدەپ بىلەن جاۋاب قايتۇردۇم. ھىلارىنىڭ بۇ ئاخشام بۇ يەردە بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيتتىم. چۈنكى ئۇنىڭغا ئېلىخەت ئەۋەتمىگىنىڭلارنى پەرەز قىلىمەن. بەلكىم، ئەۋەتكەن بولۇشۇڭلار مۇمكىن ۋە ئۇ ۋىكىلېكس تور بېتى ئارقىلىق باياتىن بىلگەن بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

ھىلارى كلىنتونمۇ سۆزىنى چاقچاق بىلەن باشلىدى ۋە ترامپنىڭ ئۆزىنى «ماغدۇرى قالمىغانلىقى ئۈچۈن داۋاملىق تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى ئۈزۈۋېتىدۇ» دېگەن تەنقىدىگە قارىتىپ: «ئۇيقۇمدىن ۋاز كېچىپ، بۇ يەرگە كەلدىم. مىننەتدار بولۇشىڭىز كېرەك. ئادەتتە بۇنداق نۇتۇق سۆزلىشىم ئۈچۈن ئېنېرگىيە تولۇقلىشىم لازىم ئىدى» دېدى.

ئۇ يەنە، رەقىبى ترامپنىڭ رۇسىيەنىڭ ھەۋەسكارى ئىكەنلىكىگە ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ترامپ ئاتتەك ساغلام ئادەم، خۇددىي ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئېتىغا ئوخشاش» دېدى.

ئۇ دونالد ترامپنىڭ ئاياللارغا بولغان پوزىتسىيەسى ۋە ئاياللارنى مەسخىرە قىلىدىغان قىلىقىنى تەنقىد قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر