گۈلەنچىلەر خىتايدا قەھۋە پۇلىغا مۇھتاج بولدى

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى خىتايدا «قەھۋە ۋە سۆھبەت»پائالىيتى ئۇيۇشتۇرۇپ پۇل يىغىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

592707
گۈلەنچىلەر خىتايدا قەھۋە پۇلىغا مۇھتاج بولدى

ئانادولۇ ئاگنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيەدە گۈلەنچىلەرنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسىنىڭ قۇرۇتۇلۇشى ئۇلارنى دۇنيا مىقياسىدا مۇھتاج ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان.

دۇنيا مىقياسىدا ياردەم ۋە مائارىپ پائالىيىتى نامى ئاستىدا تەشكىلاتقا مىليونلارچە دوللار پۇل يىغىپ كېلىۋاتقان گۈلەنچىلەر، خىتايدا ئاياللار يىغقان قەھۋە پۇلىغا مۇھتاج ھالغا كېلىپ قالدى.

خىتايدا گۈلەنچىلەرگە تەۋە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن  تىنچ ئوكيان سودا ۋە مەدەنىيەت مەسلىھەت شىركىتى شاڭخەيدە «قەھۋە ۋە سۆھبەت»نامى ئاستىدا پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ پۇل يىغىشقا ئۇرۇنماقتا. تەشكىلات ئەزالىرى يەرلىك ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساۋاتلىرىدىن ئۇچۇر ۋە تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى تارقىتىش ئارقىلىق پۇللۇق پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇپ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىن پايدىلىنىشقا تىرىشماقتا.

شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنىۋاتقان «قەھۋە ۋە سۆھبەت»پائالىيىتىگە پەقەت خانىم-قىزلارلا تەكلىپ قىلىنىدىغان بولۇپ، پائالىيەتكە قاتنىشىش ھەققى 100 سوم ئەتراپىدا ئىكەن. بۇ شىركەتنىڭ ھەر ئاي ئوخشىمىغان تېمىلار ئاستىدا «قەھۋە ۋە سۆھبەت»پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق قىلىنغان كىرىملەرنى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەۋەتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتاينىڭ قانۇنىغا ئاساسەن مەكتەپ ئاچالمىغان فەتھۇللاھچىلار، خىتايدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سودا جەمئىيەتلىرى ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ئورۇنلار ۋاستىسى بىلەن ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە.

گۈلەنچىلەرنىڭ تۈركىيەدىن ئېلىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلىرى خىتاينىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئۆي ئىجرىگە ئېلىپ تۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم، مەزكۇر تەشكىلات بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن پايدىلىنىپ سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشتىن تاشقىرى ، خىتاي ئالىي مەكتەپلىرىدە ماگىستېر ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم كۈچى شەكىللەندۈرمەكتە.

خىتاي قانۇنلىرى سەۋەبىدىن مەكتەپ ئاچالماي غەيرى رەسمىي تەشكىللەنگەن فەتھۇللاھچىلار، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنى خىتايدىكى تىل مەكتەپلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەردە تەربىيلىمەكتە. گۈلەنچىلەر بولۇپمۇ خىتايغا ئەۋەتكەن ئوقوغۇچىلىرىنىڭ بىر قىسمىنى خىتايدىكى ئاكادېمىك ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نوپۇزىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنماقتا. ئالىي مەكتەپ ۋە چۈشەنچە ئورگانلىرىدا ماقالە ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان گۈلەنچىلەر ، يېقىنى مەزگىللەردە تۈركىيەگە قارشى تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئىسياندىن كېيىن خىتايدا تۇرۇۋاتقان نۇرغۇن تەشكىلات ئەزالىرى خوڭكوڭ، ئاۋىستىرالىيە ۋە تەيۋەنگە ئوخشاش رايون ۋە دۆلەتلەرگە كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر