ب د ت شىمالىي كورېيەنى ئاگاھلاندۇردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشى، شىمالىي كورېيەنى يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىشتىن ۋاز كەچمىگەن تەقدىردە كېرەكلىك تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

592075
ب د ت شىمالىي كورېيەنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك كېڭىشدە قوبۇل قىلىنغان مەتبۇئاتنى ۋاقىپلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ 14 – ئۆكتەبىردىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇ ئىشنىڭ ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارلىرى ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن ئۇقتۇرۇشتا، شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشى قاتتىق ئەيىبلەندى.

ئۇقتۇرۇشتا، شىمالىي كورېيەنىڭ 15، 23، 27 ۋە 28 0 ئاپرېل، 31- ماي، 21- ئىيۇن، 9 ۋە 18 – ئىيۇل، 2 ۋە 23 – ئاۋغۇست بىلەن 5 – سېنتەبىردە باشقۇرۇلىدىغان بومبا، 9 – سېنتەبىردە بولسا، يادرو قورالى سىناق قىلغانلىقى، بۇ خىل سىناقلارنىڭ كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقى، بۇ قىلمىشلارنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئوچۇق – ئاشكارا خىلاپ ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئۇقتۇرۇشتا يەنە، بۇ دۆلەتنىڭ بايلىقلىرىنى موھتاجلىق ئىچىدىكى خەلقىگە سەرپ قىلىشنىڭ ئورنىغا يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمەتلىرىگە سەرپ قىلىنىشىنىڭ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر