ترامپنىڭ سايلام ئىشخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ سايلام ئىشخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

590813
ترامپنىڭ سايلام ئىشخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ شىمالىي كارولىنادىكى سايلام ئىشخانىسىغا كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىلغان كۆيدۈرگۈچى ماددا ئىشخانىدا ماددىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى. سايلام ئىشخانىسىغا تۇتاش بىنانىڭ تېمىغا «ناتسىست جۇمھۇرىيەتچىلەر، شەھەردىن چىقىپ كېتىڭلار، بولمىسا...» دېگەن خەتلەرنىڭ يېزىپ قويۇلغانلىقى بايقالدى.

ۋەقەدە ماددىي زىيان كۆرۈلدى، ئەمما يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.

جۇمھۇرىيەتچى قاناتنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپ ھۇجۇمدىن كېيىن، «سايلامدا ئالدىدا بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، دېموكراتىك پارتىيە ۋە ھىلارى كىلىنتوننىڭ قوللىغۇچىلىرى سايلام ئىشخانىمىزغا ھۇجۇم قىلدى» دېگەن سۆزلىرى بىلەن تىغ ئۇچىنى رەقىبىگە قاراتتى.

كىلىنتون بولسا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، ۋەقەنىڭ «قورقۇنچلۇق ۋە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئىش» ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر