ھىندىستاندا يەنە قىستاڭچىلىق پاجىئەسى يۈز بەردى

ھىندىستاننىڭ ئۇتتار –پرادېش ئۆلكىسى ۋاراناسى شەھىرىدىكى بىر ھىندۇ تەرىقىتىنىڭ دىنىي يىغىلىشىدا قىستاڭچىلىق ۋەقەسى يۈز بەردى.

590490
ھىندىستاندا يەنە قىستاڭچىلىق پاجىئەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ ئۇتتار –پرادېش ئۆلكىسى ۋاراناسى شەھىرىدىكى بىر ھىندۇ تەرىقىتىنىڭ دىنىي يىغىلىشىدا قىستاڭچىلىق يۈز بېرىپ 24 ئادەم ئۆلدى، 20 ئادەم يارىلاندى.

دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدىغان جايغا قاراپ مېڭىشقا باشلىغان 70 مىڭدەك تەرىقەتچى ساقچىلار تەرىپىدىن قايتۇرۇلۇشقا باشلىدى. كىشىلەر ئۆزلىرى كېتىۋاتقان يولدىكى كۆۋرۈك گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەنلىكى ئۈچۈن، ئادەملەرنىڭ قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى  سۆز – چۆچەكنىڭ تارقىلىشى بىلەن قىستاڭچىلىق يۈز بېرىپ، 24 ئادەم ئۆلدى؛ قىستاڭچىلىقتا ئۆلگەن 24 كىشىنىڭ 14 نىڭ ئايال ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

ئالاقىدار ئەمەلدارلار، مەزكۇر دىنىي مۇراسىمغا بۇنچىلىك كۆپ كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىنى كۈتمىگەنلىكلىرىنى، شۇڭا ۋەقەگە تەييارلىقسىزلا دۇچ كەلگەنلىكى ئەسكەرتتى.

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى، ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا 3 مىڭ دوللار ئەتراپىدا تۆلەم تۆلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر