بىرلەشمە كۈچلەر: 140 ئادەم ئۆلگەن مۇراسىم خاتا ئۇچۇرغا ئاساسەن بومباردىمان قىلىندى

يەمەندە ئۆتكەن شەنبە كۈنى بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە ئۆلگەن 140 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بىر ئوتتۇرىغا چىقتى.

590495
بىرلەشمە كۈچلەر: 140 ئادەم ئۆلگەن مۇراسىم خاتا ئۇچۇرغا ئاساسەن بومباردىمان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەزىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىنانى بومباردىمان قىلغان بىرلەشمە كۈچلەر، خاتالىقنىڭ ناتوغرا ئۇچۇر يۈزىسىدىن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى؛ يەمەندە سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئۆتكەن ھەپتە تەزىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىر ئۆينى بومباردىمان قىلغان، بومباردىماندا 140 تىن ئارتۇق ئۆلگەن، 500 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغانىدى.

بومباردىماندىن كېيىن بومباردىمان قىلىنغان يەرنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپدارى بىر جاي ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ھەقتە بايانات بەرگەن بىرلەشمە كۈچلەر، بومباردىماننىڭ يەمەن باش قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن بىرلەشمە كۈچلەرگە مەلۇم قىلىنغان ئۇچۇر ۋە بەلگىلەپ بېرىلگەن نىشانغا ئاساسەن قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بىرلەشمە كۈچلەرگە خاتا نىشان كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەمەلدارلار، جاۋابكارلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنىڭ باشلىغانلىقىنى، بومباردىماننىڭ قۇربانلىرىغا تۆلەم تۆلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر