«ناتو نىڭ تۈركىيەگە ئېھتىياجى بار»

گېرمانىيەنىڭ داڭلىق «‹ Mitteldeutsche Zeitung› گېزىتى» ناتو نىڭ تۈركىيەگە ئېھتىياجى بارلىقىنى خەۋەر قىلدى.

589060
«ناتو نىڭ تۈركىيەگە ئېھتىياجى بار»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېزىت خەۋەرىدە، سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن تۈركىيەنىڭ ھەم بىر ئىتتىپاقداش ھەم ھەربىي ھەرىكەت بازىسى سۈپىتىدە ناھايىتى مۇھىم دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خەۋەردە، گېرمانىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئۇرۇش قىلىدىغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئىنجىرلىك ھەربىي بازىسىنى تەلەپ قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى پۈتكۈل دۇنيانىڭ توغرا چۈشىنى لازىملىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر