گېڭ شۇاڭ: خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا مۇداخىلە قىلىندى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ، «مارتىن ئېننالس مۇكاپاتى» نىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلىشى ۋە مۇراسىمغا ب د ت مەسئۇللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

588486
گېڭ شۇاڭ: خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا مۇداخىلە قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېيجىڭ دائىرىلىرى، ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي، مەدەنىي ۋە سىياسىي بېسىم يۈرگۈزۈلگەنلىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن، <بۆلگۈنچىلىك> جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا شىۋېتسىيەدە كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بېرىلگەنلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ، «مارتىن ئېننالس مۇكاپاتى» نىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇ، ئىلھام توختىنىڭ كىشىلەرنى چەت ئەلگە چىقىپ، شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختىنى خىتاي قانۇنلىرىغا ئاساسەن سوتلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن گېڭ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ۋە ئەدلىيە مۇستەقىللىقىغا مۇداخىلە قىلىنالمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى زەيىد رائىد ئەلھۇسەينىنىڭ مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىشىنىڭ ب د ت  ئەھدىنامىسىنىڭ پىرىنسىپ ۋە مۇددىئالىرىغا زىت ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان گېڭ شۇاڭ، بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا مۇداخىلە قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىلھام توختى 2014 – يىلى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوتلانغان؛ توختىنىڭ سوتى مەتبۇئات ۋە خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرگە يېپىق ھالەتتە ئېچىلغانىدى.

شۇ قېتىمقى سوتتا، ئۆزىگە قارىتىلغان بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان ئىلھام توختى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، پۈتكۈل مال – مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ بۇ قارارىغا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرى قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەت نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر