ئامېرىكىلىق مۇسۇلمان ئاياللار بېلەت تاشلايدىغان پىرېزىدېنت نامزاتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىدى

ئامېرىكىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىنىڭ ۋاقتى يېقىنلاشقانسېرى نامزاتلار ئارىسىدىكى رىقابەت سۈرئەت بىلەن داۋام قىلماقتا.

588025
ئامېرىكىلىق مۇسۇلمان ئاياللار بېلەت تاشلايدىغان پىرېزىدېنت نامزاتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 8 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرى يېقىنلاشقانسېرى دېموكراتچى قاناتنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى ھىلارى كىلىنتون بىلەن جۇمھۇرىيەتچى قاناتنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپ ئارىسىدىكى رىقابەت سۈرئەت بىلەن داۋام قىلماقتا.

ئەڭ يېڭى ئەلرايى نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، كىلىنتون ترامپتىن 9 نومۇر ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىكەن.

NBC News قانىلى بىلەن Wall Street Journal گېزىتى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىسى، بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ %46 ى كىلىنتوننى، %37 ى ترامپنى قوللايدىكەن. مەزكۇر ئەلرايى نەتىجىسىدە، لىبېرتېريان پارتىيەسىنىڭ نامزاتى گاري جونسون %8، يېشىللار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى جىل ستېئىن %2 ئاۋازغا ئېرىشكەن.

ئىككى رەقىب باراۋەرلەشتۈرۈلۈپ ئانالىز قىلىنغىنىدا، كىلىنتوننى قوللىغۇچىلارنىڭ نىسبىتى %50، ترامپنى قوللىغۇچىلارنىڭ نىسبىتى %40 گە يېتىدۇ. سىياسىي ئانالىزچىلار، ترامپنىڭ <شاللاق> ۋە <قوپال> سۆزلىرى ئوتتۇرىغا چىققان سىن كۆرۈنۈشىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى نامزاتنىڭ قوللاش نىسبىتىنى چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى، تېلېۋىزوردىكى ئىككى قېتىملىق نەق مۇنازىرىسىدىمۇ كىلىنتوننىڭ مەلۇماتى ۋە ئىقتىدارى بىلەن رەقىبىدىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى قەيت قىلىشماقتا.

كىلىنتون بىلەن ترامپنى ئۈچىنچى قېتىملىق نەق مەيدان مۇنازىرىسى 19 – ئۆكتەبىر چارشەنبە كۈنى لاسۋېگاستىكى نېۋادا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بۇ جەرياندا، ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمان ئاياللار ھىلارى كىلىنتوننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛ ئامېرىكىلىق مۇسۇلمان ئاياللار سىياسىي پائالىيەت كومىتېتى، مۇددىئاسىنىڭ ئىسلامىي قىممەت – قاراشلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان سىياسەتچىلەرنى قوللاش ئىكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبتىن پىرېزىدېنت سايلىمىدا ئامېرىكىلىق مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھىلارى كىلىنتونغا بېلەت تاشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئاق ساراي باياناتچىسى جوش ئېرنېست، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ جۇمھۇرىيەتچى قاناتنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپنىڭ <ئەخلاقسىز> سۆزلىرى ئورۇن ئالغان سىن كۆرۈنۈشىگە <نومۇس قىلارلىق> دەپ باھا بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ترامپنىڭ سىن كۆرۈنۈشىدىكى سۆزلىرىگە كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ <جىنسىي ھۇجۇم> دەپ قارىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئېرنېست، بۇ خىل سىن كۆرۈنۈشلىرى يۈزىسىدىن ترامپقا قارىتىلغان ئېغىر تەنقىدلەرنىڭ تەبىئىي ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر