گىرېتسىيە، قاچقۇن ئىسيانچىلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى توغرىسىدا قارار چىقاردى

گىرېتسىيە، 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئىسيان قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلغاندىن كېيىن قېچىپ بېرىپ، گىرېتسىيەدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن 8 ھەربىي ئىسيانچى توغرىسىدىكى قارارىنى ئېلان قىلدى.

587685
گىرېتسىيە، قاچقۇن ئىسيانچىلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى توغرىسىدا قارار چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئىسيان قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلغاندىن كېيىن قېچىپ بېرىپ، گىرېتسىيەدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن 8 ھەربىي ئىسيانچىدىن يەنە تۆتىنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى مۇساپىرلار كومىتېتى تەرىپىدىن رەت قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن، گىرېتسىيە پاناھلىق ئىلتىماسىنى رەت قىلغان ھەربىي ئىسيانچى سانى 7 گە يەتتى.

بىراق، ھەربىي ئىسيانغا قېتىلغۇچىلارنىڭ ئالىي سوتقا ئېتىراز بىلدۈرۈش ھوقۇقى بولغانلىقى ئۈچۈن، تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇشى ھازىرچە مۇمكىن ئەمەس. ئاخىرقى بىر ھەربىي ئىسيانچىنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىغا قاراپ چىقىش جەريانى داۋام قىلماقتا.

15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىنلا 8 ھەربىي ئىسيانچى بىر سكورىسكىي تىپلىق ھەربىي ئايروپىلان بىلەن گىرېتسىيەنى دەدەئاغاچ ئايرودۇرۇمىغا قېچىپ بېرىپ، پاناھلىق تىلىگەنىدى.

خەۋپسىزلىك مەسىلىسى كۆزدە تۇتۇلۇپ ئاتىنادىكى بىر تۈرمىگە يۆتكەلگەن ھەربىي ئىسيانچىلار، نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

تۈركىيە 4 ئايرىم ئەيىبلەش بويىچە مەزكۇر 8 ھەربىي ئىسيانچىنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر