سامسۇڭ شىركىتى 7 Galaxy Note نى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ قويدى
جەنۇبىي كورېيە تېخنولوگىيە شىركىتى سامسۇڭ 7 Galaxy Noteنى ئىستېمالچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە تېخنولوگىيە شىركىتى سامسۇڭ 7 Galaxy Note تىپلىق ئەقىللىق تېلېفونلارغا تۇيۇقسىز ئوت كېتىشى توغرۇلۇق دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تېلېفون ئىگىلىرىنى بۇ ئىش ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى تاماملانغۇچە تېلېفونلىرىنى تاقىۋېتىشكە چاقىردى.
ساڭسۇڭنىڭ ئىنتېرنېت سەھپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شىركەت ئالماشتۇرۇلغان تېلېفونلاردىن كاشىلا چىققانلىقى توغرۇلۇق دوكلات چىققاندىن كېيىن، پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا 7 Galaxy Note بازارغا سېلىشنى توختىتىپ، ئىستېمالچىلاردىن تېلېفونلارنى تاقىۋېتىشنى ۋە ئىشلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلغان.
سامسۇڭ شىركىتى ئالماشتۇرۇپ بېرىلگەن تېلېفونلار بولۇپ بارلىق 7 Galaxy Note تېلېفونلارنى ئىشلەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلىپ، تېلېفون ئىگىلىرىنى قانۇنغا مۇراجائەت قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق بايانات بەردى: «بىزگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم ھېسابلىنىدىغان ئىش ئىستېمالچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىدۇر. دۇنيا مىقياسىدىكى پارچە ۋە توپ ساتىدىغان شىرىكلىرىمىزدىن 7 Galaxy Note تېلېفونلىرىنى بازارغا سېلىشنى قانۇنىي تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى تاماملانغۇچە توختىتىشنى تەلەپ قىلدۇق.»
ئامېرىكىلىق AT&T ۋە T-Mobile بىلەن مەركىزى ئەنگلىيەدىكى Vodafone ۋە EE ئۇچۇر-ئالاقە ئوپىراتور شىركەتلىرى، Galaxy Note 7نى بازارغا سېلىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى ئوت كېتىش خەۋپى سەۋەبىدىن توختىتىپ قويۇشنى قارار قىلدى.
ساڭسۇڭ شىركىتى سېنتەبىردە ئىسسىپ كېتىش سەۋەبىدىن مىليونلارچە تېلېفوننى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ياندۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئالماشتۇرۇلغان تېلېفونلاردىمۇ ئوت كېتىش خەۋپى بارلىقى توغرۇلۇق دوكلاتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا قارىتا، تۈنۈگۈن Galaxy Note 7 نى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ قويدى.