پۇتىن: نېفىتقا يەنە ئۇزۇنغىچە ئېھتىياجىمىز چۈشىدۇ
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن دۇنيانىڭ يەنە ئۇزۇنغىچە نېفىتقا ئېھتىياجى چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن 2020-يىلغىچە نېفىتنىڭ دۇنيا ئېنېرگىيە ئىستېمالىدىكى ئۈلۈشىنىڭ %26غىچە ئۆرلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ۋىلادىمىر پۇتىن تۈركىيە بىلەن تۈرك ئېقىمى لايىھەسىنى بىرلىكتە ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى خالايدىغانلىقلىرىنىمۇ بىلدۈردى.
پىرېزىدېنت پۇتىن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئېنېرگىيە يىغىنىدا سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى: «نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىستېمالى تېز سۈرئەتتە داۋاملاشماقتا. خەلقئارا ئېنېرگىيە كالىندارىغا ئاساسلانغاندا، 20، 30 يىلدىن كېيىن يەنە نېفىت بىلەن تەبىئىي گاز ئېھتىياجىمىز بولىدۇ. 2020-يىلغىچە نېفىتنىڭ دۇنيا ئېنېرگىيە ئىستېمالىدىكى ئۈلۈشى %26غىچە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى ھەمكارلىق ئورناتقاندا بەرپا قىلغىلى بولىدۇ. بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە چەكلىمىلىرىگە قارشى تۇرىمىز.»
رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە تىرانسپورتى جەھەتتىن ئىشەنچىلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان پۇتىن يەنە مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىلەن تۈرك ئېقىمى لايىھەسىنى بىرلىكتە ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى خالايمىز.»