«دۇنيادا نوپۇس پارتلىشى كۆرۈلۈشى مۇمكىن»
مەركىزى ئەنگلىيەگە جايلاشقان ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسى، 2030 – يىلىغا كەلگەندە دۇنيادا نوپۇس پارتلىشى يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
586601
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، نۆۋەتتىكى 7 مىليارد 400 مىليونلۇق دۇنيا نوپۇسىنىڭ 2030 – يىلىغا بارغاندا 8 مىليارد 500 مىڭغا يېتىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. مەزكۇر تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بارغان ئەترەتتىن ت.ت.فورمان بىلەن جىنگو ۋۇ، نوپۇس كۆپىيىشى <مۇۋازىنەتلىك شەكىلدە> بولمىغان ئەھۋالدا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئېكولوگىيەلىك مەسىلىلەرنىڭ دۇنيانىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.
نوپۇس كۆپىيىش سۈرئىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدىغان جايلارنىڭ ئافرىقا بىلەن ئاسىيا قىتئەلىرى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلمەكتە.