ياپونىيەدە ئاسو يانار تېغى ھەرىكەتكە ئۆتتى
يانار تاغدىن ئۆرلىگەن ئىس - تۈتەكنىڭ ئېگىزلىكى 11 كېلومېتىرغا يەتتى
585346
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ كىيۇشۇ ئارىلىدىكى ئاسو يانار تېغى ئارىدىن 36 يىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتا ھەرىكەتكە ئۆتتى.
ياپونىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدا يانار تاغدىن ئۆرلىگەن ئىس - تۈتەكنىڭ ئېگىزلىكى 11 كېلومېتىرغا يەتتى ۋە 320 كېلومېتىرلىق دائىرىنى قاپلىدى.
يانارتاغ ئەتراپىدىكى ئولتۇراق رايونلاردا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى. تاسادىپى ئەھۋال ئاستىدا خەلقنىڭ باشقا جايغا كۆچۈرۈلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۈرۈش ئېلان قىلىندى.