كانادادا ياغلىق چەگكەن ئايال قانۇن كۈرىشىدە غەلىبە قىلدى

كانادانىڭ كۇبېك ئىشتاتى سوت مەھكىمىسى مۇسۇلمان بىر ئايالنىڭ ياغلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، دەۋاسىغا قارىمىغان سوتچىنىڭ خاتالاشقانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى.

584696
كانادادا ياغلىق چەگكەن ئايال قانۇن كۈرىشىدە غەلىبە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا كۇبېك ئىشتاتىنىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى ۋىلبورد دېكارى ياغلىق چەگكەن مۇسۇلمان ئايالغا قىلىنغان مۇئامىلە توغرىسىدا چىقىرىلغان سوت ھۆكۈمىنى ئېلان قىلدى. ئۇ: «سوتچى ئېلىيانا مارېنگونىڭ قىلغىنىنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسقا ئىگە ئەمەسلىكى كۆرۈلدى. سوت مەھكىمىمىز رانىيا ئەلئاللول خانىمنىڭ ھېسسىياتىغا ئورتاقلىشىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قىلىنغان مۇئامىلە تۈپەيلى چوڭقۇر ئەپسۇسلىنىدۇ» دېدى.

كۇبېك ئالىي سوتىنىڭ قارارىدىن سۆيۈنگەن رانىيا ئەلئاللول خانىم بولسا، ئۆزىگە قىلىنغان مۇئامىلىنىڭ خاتالىقىنى ئېيتقان سوتچىنىڭ ھۆكۈمىنى ئاڭلىشىنىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەلئاللول خانىم ھەر بىر كىشىنىڭ خالىغىنى بويىچە كىيىنىشىنى، قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، سوتقا بېرىشتىن قورقماسلىقىنى ۋە ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئۆتكەن يىلى فېۋرال ئېيىدا مونترېيال شەھىرىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدە، كۇبېك ئىشتاتلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى ئېلىيانا مارېنگو سوتتا ياغلىق چېگىۋالغان رانىيا ئەلئاللول خانىمنىڭ بېشىنى ئېچىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. سوتچى ئېلىيانا مارېنگو سوت زاللىرىنىڭ سېكۇلار ماكانلار ئىكەنلىكىنى، سوتچىنىڭ ئالدىدا رەتلىك كىيىنىپ، باش كىيىمى كەيمەسلىك ۋە كۆزەينەك تاقىماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، رانىيا ئەلئاللول خانىمنىڭ ياغلىقىغا شۇ كاتېگورىيەدە مۇئامىلە قىلغان ئىدى.

قەيت قىلىنىشىچە، سوتچى ئېلىيانا مارېنگو سوتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن رانىيا ئەلئاللول خانىمغا ياغلىقنى بېشىدىن ئېلىۋېتىشنى ياكى ئادۋوكات تۇتۇپ ئۇنى سوتقا ئەۋەتىشتىن ئىبارەت ئىككى شەرتنى قويغان. رانىيا ئەلئاللول خانىم بولسا، ئادۋوكات تۇتقىدەك پۇلىنىڭ يوقلۇقىنى ۋە ياغلىقىنى دىنىي ئېتىقادى سەۋەبىدىن چىقارمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، سوتچىنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلغان. بۇنىڭغا قارىتا، سوتچى ئېلىيانا مارېنگو سوتنىڭ قەرەلسىز كېچىكتۈرگەن.

مەزكۇر ۋەقە ئەينى ۋاقىتتا، كانادا باش مىنىستىرى جۇستىن ترېدۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان سىياسەتچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، ئادۋوكاتلار تەلەپ قىلغان بولسىمۇ سوتچى ئېلىيانا مارېنگو رانىيا ئەلئاللول خانىمدىن ئەپۇ سو رىمىغان. كۇبېك سوتچىلار كېڭىشى رانىيا ئەلئاللول خانىمنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ تەلىپىگە قارىتا سوتچى ئېلىيانا مارېنگو ھەققىدە ھېچقانداق قارار ئالمىغان.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر