«شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى بىزگە ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە»

خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋۇ خەيتاۋ «شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى»نىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

584178
«شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى بىزگە ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە»

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋۇ خەيتاۋ خەلقئارانى تېررورىزىمغا قارشى تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا بىرلىكتە كۈرەش قىلىشقا چاقىرىپ، ئىنتېرنېت تېررورىزىمىغا قاتتىق زەربە بېرىش، شۇنداقلا چەت ئەللىك تېررورچىلارنىڭ دۆلەت ئاتلاپ ھەرىكەت قىلىشىغا تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ۋۇ خەيتاۋ خەلقئارا تېررورىزمنى يوقىتىش تەدبىرلىرى بويىچە چاقىرىلغان يىغىندا سۆز قىلىپ، ب د ت قانۇنلىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى، ب د ت ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باشچىلىقىدا سىياسىي، ئىقتسىادىي ۋە پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردە كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئېلىپ، تېررورىزىمنىڭ مەنبەسىنى ۋە تېررورىزىمنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە زېمىن تەييارلاپ بەرگەن شارائىتلارنى يوق قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشتە قوش ئۆلچەم بويىچە ھەرىكەت قىلماسلىقنى ۋە بۇ دائىرىدە مۇئەييەن مىللەت ياكى دىننى ھۇجۇم نىشان قىلماسلىق كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ۋۇ خەيتاۋ  ئىنتېرنېت تېررورىزىمغا زەربە بېرىشنىڭ باش تارتىپ بولغىلى بولمايدىغان خەلقئارالىق بۇرچ ئىكەنلىكىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارارلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىملىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق زورۋانلىق ۋە رادىكال قاراشلارنى تەشۋىق قىلىشىغا، ئادەم يىغىشىغا، ئىقتىسادىي مەنبە توپلىشىغا، بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرى سادىر قىلىشىغا توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئېلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ چېگرا كونترولۇقىنى كۈچەيتىپ، تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ دۆلەت ئاتلاپ زورۋانلىق قىلمىشلىرى سادىر قىلىشلىرىغا يول قويماسلىقىنىمۇ تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاي دۆلىتىنىڭ تېررورىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى دۆلەت ئىكەنلىكىنى،ئۇزۇندىن بۇيان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» باشچىلىقىدىكى «شەرقىي تۈركىستان تېررورچى ئۇنسۇرلىرى»نىڭ ئېغىر تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى «شەرقىي تۈركىستان تېررورچى ئۇنسۇرلىرى»نىڭ توختىماي بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە تېررورلۇق قىلمىشلىرى سادىر قىلىش ئارقىلىق خىتاي دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە، مۇقىملىقىغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

 بۇ يىل 1-يانۋاردىن ئېتىبارەن خىتاي «تېررورىمغا زەربە بېرىش قانۇنى»نى يولغا قويۇشقا باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر