ئامېرىكا: رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەرىكىتى نىشانلىرى بىلەن ماس ئەمەس

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيەنىڭ «مۇداپىئەلىنىش» سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھالدا سۈرىيەگە S-300 تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

583217
ئامېرىكا: رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەرىكىتى نىشانلىرى بىلەن ماس ئەمەس
rusya suriye'ye S-300 gönderdi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق ساراي باياناتچىسى جوش ئېرنېست كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ۋاشىنگتوننىڭ، موسكۋانىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئەۋەتكەن يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىغا ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيەنىڭ «ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» ۋە «مۇداپىئە» دېگەندەك سەۋەبلەرنى ئىلگىرى سۈرگەن ھالدا مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سۈرىيەگە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى قەيت قىلغان ئېرنېست تەنە قىلىپ، «دائېش ياكى ئەلقائىدەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن» دېدى.

باياناتچى جوش ئېرنېست يەنە، ئەسەد ھاكىمىيىتىگە يۈرگۈزۈشكە بولىدىغان ئېمبارگولارنى مۇزاكىرە قىلىش مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپتە ئىكەنلىكىنى، بۇ جەھەتتە بارلىق چارىلەرنى ئىشقا سېلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پېتېر كۇكمۇ رۇسىيەنىڭ يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «رۇسىيە تۈپ نىشانىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتماقتا. لېكىن، بىلىشىمىزچە رايوندىكى دائېش ۋە ئەننۇسرە دېگەندەك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھاۋا كۈچى يوق. بەلكى، رۇسلارنىڭ بۇ مەسىلىگە بېرىدىغان تېخىمۇ ياخشى بىر ئىزاھاتى باردۇر» دېدى.

پېتېر كۇك، يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ رايوندىكى دائېشقا قارشى بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ ئۇچۇش پىلانلىرىغا توسقۇنلۇق پەيدا قىلماسلىقى ئۈچۈن پۈتكۈل چارە – تەدبىر ۋە ئېھتىماللىقلارنىڭ ئويلىشىلغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى «توقۇنۇشسىزلىق ھالىتى» نىڭ بۇرۇنقىدەك داۋاملىشىشى ئۈچۈن كېرەكلىك ئالاقە قاناللىرىنىڭ ئوچۇق تۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېرمۇ كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، رۇسىيەنىڭ S-300 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ سۈرىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ دائېش ۋە ئەلقائىدەگە قارشى كۈرەش دېگەندەك سۈرىيەدىكى نىشانلىرى بىلەن ماسلاشمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىگور كوناشېنكوۋ، موسكۋانىڭ سۈرىيەگە S-300 تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئەۋەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى. ئۇ يەنە، S-300 تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسى تارتۇس ۋە رايوندىكى پاراخوتلىرىنى ھاۋادىن كېلىدىغان خەۋپلەردىن ھىمايە قىلىش مەقسىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغانىدى.

رۇسىيە سۈرىيەگە بۇنىڭدىن ئىلگىرى s-400 تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر