ۋىكىلىكس: 3 دۆلەت، 3 شىركەت توغرىسىدا دۇنيانى زىلزىلىگە سالىدىغان ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلايمىز

ۋىكىلىكسنىڭ قۇرغۇچىسى جۇلىئان ئاسانج، ئۈچ چوڭ دۆلەت ۋە ئۈچ چوڭ ئورگان توغرىسىدا دۇنيانى زىلزىلىگە سالىدىغان ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

583419
ۋىكىلىكس: 3 دۆلەت، 3 شىركەت توغرىسىدا دۇنيانى زىلزىلىگە سالىدىغان ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇلىئان ئاسانج ۋىكىلىكس قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا ئەنگلىيەدىن سىن كونفېرانسى يولى ئارقىلىق باغلىنىپ، بۇ ھەپتىدىن باشلاپ مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئېلان قىلىنىدىغان يېڭى ھۆججەتلەرنىڭ گوگۇل، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى سايلام دولقۇنى، ئۇرۇشلار، قورال سودىسى ۋە نېفىت سانائىتى دېگەندەك مەسىلىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ۋىكىلىكس ئامېرىكا قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقان بېسىملىرىغا بويۇن ئەگمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «ئالدىمىزدىكى ئون ھەپتە بويىچە ھەر ھەپتە يېڭى بىر تۈركۈم ماتېرىياللارنى تارقىتىمىز» دېدى.

ئۈستىگە «ھەقىقەت» دېگەن خەت يېزىلغان بىر قارا مايكا بىلەن مەتبۇئاتنىڭ ئالدىغا چىققان ئاسانج، ئامېرىكا سايلاملىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى 8 – نويابىردىن ئىلگىرى ئېلان قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ، بۇ ھەپتە دېموكراتچىلار قانىتىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى ھىلارى كىلىنتوننىڭ سايلام دولقۇنىغا زەربە بېرىدىغان ھۆججەتلەرنىڭ ئېلان قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۆز – چۆچەكلەرنى جەزملەشتۈرمىدى.

ۋىكىلىكس قۇرغۇچىسى ئاسانج، مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئېلان قىلىدىغان ھۆججەتلەرنىڭ ئۈچ دۆلەتتىكى ئۈچ چوڭ ئورگاننىڭ مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، ۋىكىلىكسنىڭ ئۆزىنى يېڭىلاپ كۈچەيگەن ھالدا پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، زۆرۈرىيەت تېپىلغاندا ئۆزىنىڭ تور بەتتىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى، ئەمما تور بېتىنىڭ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

شىۋېتسىيە ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقى ئۈچۈن 4 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئېكۋاتورنىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا تۇرۇۋاتقان ئاسانج، «ئېكۋاتورغا قىلىنىش ئېھتىمالى بولغان بېسىملار» توغرىسىدا توختىلىپ، ئوخشاش بولمىغان ئەللەردىكى پەرقلىق ئورگانلاردا ۋىكىلىكسنى مەخپىي ھۆججەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى، بۇنداق بىر ئىشتىن ئالدىنئالا خەۋەر تاپىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۇتۇش بۇيرۇقىغا بىلدۈرۈلگەن ئېتىرازى ئۆتكەن ئايدا رەت قىلىنغان جۇلىئان ئاسانج، ئەلچىخانا بىناسىدىن چىققان تەقدىردە، شەرتلىك قويۇپ بېرىش ماددىلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ئەنگلىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، شىۋېتسىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىشىگە توغرا كېلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر