ئامېرىكا موسكۋانىڭ سۈرىيەگە مۇداپىئە سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھەربىي ئەمەلدارلىرى، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەگە ئىلغار تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

582626
ئامېرىكا موسكۋانىڭ سۈرىيەگە مۇداپىئە سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ فوكۇس نيۇز قانىلىغا بايانات بەرگەن ئامېرىكىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئۈچ ھەربىي ئەمەلدار، سا-23 ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا سۈرىيەنىڭ تارتۇس پورتىغا يېتىپ بارغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مەزكۇر ئەمەلدارلار، رۇسىيەنىڭ 150 مىل مۇساپىلىك سا-23 ۋەتەنپەرۋەر ناملىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى رۇسىيە چېگراسى سىرتىغا تۇنجى قېتىم ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

موسكۋا دائىرىلىرى، نويابىر ئېيىدا تۈركىيە چېگراسىغا دەخلى قىلغان بىر رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلىشىدىن كېيىن سۈرىيەگە س-400 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر