ئەسەد كۈچلىرى جەبەلۇلئەكرادقا ھۇجۇم باشلىدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرى رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا لازىقىييە چەت رايونىدىكى جەبەلۇلئەكرادقا ھۇجۇم قوزغىدى.

581852
ئەسەد كۈچلىرى جەبەلۇلئەكرادقا ھۇجۇم باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھەللىي مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ھاكىمىيەتنىڭ زەمبىرەكچى قىسىملىرى بىلەن رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى لازىقىييە تاغلىق رايونىنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى.

قىببانى ۋە ئەلخىدىر يېزىلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملاردا كىشىلەرنىڭ يارىلانغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر كېلىشكە باشلىدى.

ھاكىمىيەت كۈچلىرى، تۈركمەن تېغى ۋە جىسرۇششۇغۇر ناھىيەسىنى كۆرگىلى بولىدىغان مەزكۇر ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جايغا يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە بىر قانچە قېتىم ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ئۆكتىچىلەرنىڭ تارمار قىلىشىغا ئۇچرىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر