كولومبىيە خەلقى تىنچلىق كېلىشىمىگە قارشى چىقتى

كولومبىيە خەلقى، ھۆكۈمەت بىلەن كولومبىيە ئىنقىلابچى قوراللىق كۈچلەر ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان تارىخىي تىنچلىق كېلىشىمىنى ماقۇللىمىدى.

581635
كولومبىيە خەلقى تىنچلىق كېلىشىمىگە قارشى چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 13 مىليونغا يېقىن كولومبىيەلىك ئاۋاز قاتناشتۇرغان ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە، بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ %50.24 ى كېلىشىمنى رەت قىلىپ بېلەت تاشلىدى. بېلەت تاشلاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشى كېلىشىمىنى رەت قىلىش يولىدا سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان مەركەزگە يىغىلىپ غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى.ھۆكۈمەت بىلەن كولومبىيە ئىنقىلابچى قوراللىق كۈچلەر ئارىسىدا ئۆتكەن ھەپتە ئىمزالانغان كېلىشىم 52 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىشنى، كولومبىيە ئىنقىلابچى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قورال تاشلاپ، بىر سىياسىي قۇرۇلمىغا ئايلىنىشىنى مەزمۇن قىلاتتى.

ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدىن ئىلگىرىكى ئەلرايىنى سىناش نەتىجىلىرى كېلىشىمنى قوللىغۇچىلار نىسبىتىنىڭ %66 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىگە، كولومبىيە ئىنقىلابچى قوراللىق كۈچلەر زوراۋانلىقى مەيدانغا كەلگەن چەت جايلاردىكى خەلقنىڭ بولسا، تىنچلىق كېلىشىمىگە قارشى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغانىدى.

كېلىشىمگە قارشى چىققۇچىلارنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ كېلىشىم تېكىستىدە ئورۇن ئالغان بەزى ماددىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا؛ بۇلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا كولومبىيە ئىنقىلابچى قوراللىق كۈچلىرى پارتىزانلىرى قۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان مەخسۇس مەھكىمىدە جىنايەتلىرىنى ئېتىراپ قىلغان تەقدىردە، قاماق جازاسى بېرىشنىڭ ئورنىغا بىر خىل «ئاممىغا خىزمەت قىلىش» ساھەسىدە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، جەمئىيەتكە ماسلىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ماددىلار ئورۇن ئالىدۇ.

كولومبىيەدە 1964 – يىلىدىن بۇيان ھۆكۈمەت بىلەن كولومبىيە ئىنقىلابچى قوراللىق كۈچلىرى ئارىسىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىچكى توقۇنۇشلاردا 250 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، مىليونلارچە ئادەم ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر