بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىدلىبتە پۇقرالارغا ۋاكۇم بومبىسى بىلەن ھۇجۇم قىلدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدلىب ۋە ئەتراپىدىكى رايونلارنى ۋاكۇم بومبىسى بىلەن بومباردىمان قىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

580070
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىدلىبتە پۇقرالارغا ۋاكۇم بومبىسى بىلەن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىدلىب ۋە ئەتراپىغا ۋاكۇم بومبىسى بىلەن قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، 20 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 24 ئادەم يارىلاندى.

ئىدلىبتىكى پۇقرالار مۇداپىئە مەسئۇللىرىدىن لېيس ئەلفارىس تۇرالغۇ رايونلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردا، ئىدلىبتە يەتتە، جارنانازدا سەككىز ۋە خان شەيخۇن ناھىيەسىدە بەش ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، جارنانازدىكى خارابىلىكلەردىن كىچىك بالىلارنىڭ جەسىتى چىقىرىلغان. ھۇجۇم نەتىجىسىدە، ئىدلىب شەھەر مەركىزى بىلەن خان شەيخۇن ناھىيەسىدە زور بۇزغۇنچىلىقلار مەيدانغا كەلگەن ۋە نۇرغۇن ئاپتوموبىللار ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كەلگەن.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر