پاكىستان - ھىندىستان ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

ھىندىستان ئەسكەرلىرى بىلەن پاكىستان ئەسكەرلىرى ئارىسىدا كەشمىر چېگراسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

579345
پاكىستان - ھىندىستان ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان ئەسكەرلىرى بىلەن پاكىستان ئەسكەرلىرى ئارىسىدا كەشمىر چېگراسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئىككى پاكىستان ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

پاكىستان ئارمىيەسى بايانات بېرىپ، پاكىستان ئەسكەرلىرىنىڭ ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ چېگرانىڭ ئۇ تەرىپىدىكى تۆت نۇقتىدىن ئاتقان قۇترىتىش خاراكتېرلىك ئوق چىقىرىش قىلمىشىغا ئىنكاس قايتۇرۇش جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىف ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر