ئىستانبۇلدا خىتاينىڭ ئادەم بەدىنى ئەتكەسچلىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

«تۈركىيەدىكى فالۈنگوڭچىلار» دەپمۇ ئاتىلىدىغان گۇرۇپپا، خىتايدا 17 يىلدىن بۇيان قانۇنسىز ئادەم بەدىنى ئەتكەسچىلىكى جىنايىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

578914
ئىستانبۇلدا خىتاينىڭ ئادەم بەدىنى ئەتكەسچلىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسى ئالدىغا توپلاشقان بىر گۇرۇپپا كىشىلەر، خىتايدا ئادەم بەدىنى ئورگانلىرىنى قانۇنسىز يۆتكەش سودىسى قىلىنىۋاتقانلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشچىلار ئاخبارات ئېلان قىلىپ بولغاندىن كېيىن، خېلى ئۇزۇنغىچە كونسۇلخانا ئالىدىدا ئولتۇرۇپ يوگا قىلىش ئارقىلىق نارازىلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئىستانبۇل سارىيەردىكى خىتاي كونسولخانىسى ئالدىغا توپلاشقان گۇرۇپپا، «خىتايدىكى فالۈنگوڭ تەرىقىتىگە قىلىۋاتقان زۇلۇمنى توختات!» ، «خىتايدىكى مەجبۇرىي ئادەم بەدىنى ئورگانلىرى سودىسىنى توختات!» «دۇنيانىڭ دۇرۇستلۇققا، مېھرى-شەپقەتكە ۋە ئەخلاق–پەزىلەتكە ئېھتىياجى بار!» دېگەن سۆزلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ نامايىش قىلدى.

«تۈركىيەدىكى فالۈنگوڭچىلار» دەپمۇ ئاتىلىدىغان گۇرۇپپا نامىدىن سەمرا شەنەر سۆز قىلىپ، خىتايدا 17 يىلدىن بۇيان قانۇنسىز ئادەم بەدىنى ئورگانلىرىنى يۆتكەش جىنايىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ دەرھال توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى، خىتايدىكى فالۈنگوڭچىلارنىڭ ئورگانلىرىنى سېتىش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.  

سەمرا شەنەر مۇنداق دېدى:

«پەقەت رەسمىي تىزىمغا ئېلىنغان ساننىلا ئېيتساق، 3700 فالۈنگوڭچىنىڭ بەدەن ئورگانلىرىنى چىقىرىۋېلىش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلىمىز. بۇ زۇلۇملارنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن توپلانغان 1.5 مىليون ئىمزا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا يەتكۈزۈپ بېرىلدى. بۇ جەھەتتە ب د ت ۋە پاۋروپا پارلامېنتى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلارنى دەرھال توختىتىشى ئۈچۈن نوتا بەردى. بۈگۈنكى كۈندە فالۈنگوڭچىلار بۇ زۇلۇملارنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ، بۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسدۇر.»

فالۈنگوڭ-لى خۇڭجى تەرىپدىن قۇرۇلغان بۇددىزىمغا تەۋە كىشىلىكنى تەرەققىي قىلدۈرىدىغان تەنتەربىيە تۇرىدىكى بىر تەرىقەت بولۇپ، ئۇ 1996 – يىلىدىن بۇيان ئامېرىكىدا پاناھلانماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى ۋە 70 تىن ئارتۇق دۆلەتكە كېڭەيگەنلىكى سەۋەبىدىن 1999–يىلى فالۈنگوڭنى «بىدئەت تەشكىلات» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان فالۈنگوڭچىلارنىڭ ئىزچىل تۈردە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كەلدى. 

ۋول سىترېت ژۇرنىلىنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاخباراتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ فالۈنگوڭچىلارغا قاراتقان زۇلۇملىرى، ساقچى دائىرىلىرى، ئارمىيە، مائارىپ ساھەسى ۋە سودا شىركەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر