ئامېرىكا مۇسۇلمانلارنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

ئامېرىكا ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرى جېھ جونسون دۆلەت ئىچىدە كۆپىيىۋاتقان تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلار بىلەن تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ئورنىتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

578617
ئامېرىكا مۇسۇلمانلارنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرى جېھ جونسون فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ دىرېكتورى جېيمىس كومى، دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەركىزىنىڭ دىرېكتورى نىكولاس راسمۇسسېى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك ۋە ھۆكۈمەت مۇناسىۋەتلىرى كومىتېتىدا ئېچىلغان يىغىنغا قاتناشتى.

جېھ جونسون سۆزىدە، ئامېرىكىلىق مۇسۇلمانلار بىلەن ھەر تۈرلۈك ساھەدە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ئورنىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«مۇسۇلمانلارنى چەتكە قېقىش، ئامېرىكىغا ھېچقايسى جەھەتتە پايدىلىق ئەمەس.»

ئۇ خەلقئارالىق سەھنىلەردە دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ھەربىي تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى، بىراق تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە باشقا ساھەلەردىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئىنتېرنېت ئارقىلىق دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىكى كىشىلەر بىلەن ناھايىتى ئاسان ئالاقە ئورناتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھەم مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە تېخنىكا شىركەتلىرى بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىش كېرەكلىكىنىمۇ ئىلاۋە قىلدى.

فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى دىرېكتورى كومى نىيۇ يورك بىلەن نىيۇ جېرسىيدا يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنىڭ «تېخىمۇ چوڭ ياكى ئارقا پىلانى بار ھۇجۇم پىلانىنىڭ بىر پارچىسى ئەمەسلىكى» نى ئېيتتى. ئۇ ئامېرىكىدا چوڭىيىۋاتقان تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەدبىرلەردىن پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى چەت ئەللىك جەڭچىلەرنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئۆتۈپ كېتىش مۇمكىنچىلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئىككى يىلدىن بەش يىلغىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغان <تېررورىست دىياسپوراسى> غا گۇۋاھچى بولىمىز» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر