ئەل نۇسرا تەشكىلاتىغا ئامېرىكىنىڭ بىۋاستە قورال ياردەم قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى

ئەل نۇسرا تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر قوماندانى ئامېرىكىنىڭ  تەشكىلاتقا «BGM-71 TOW» تانكا ئاتار، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق نۇرغۇن ساندا قورال يوللىغانلىقىنى ئېيتتى.

577927
ئەل نۇسرا تەشكىلاتىغا ئامېرىكىنىڭ بىۋاستە قورال ياردەم قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكلاتى دەپ ئېلان قىلغان سۈرىيەدىكى ئەل نۇسرا تەشكىلاتى، ئۆزلىرىگە ئامېرىكىنىڭ قورال ياردەم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 

ئەل نۇسرا تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر قوماندانى ئامېرىكىنىڭ  تەشكىلاتقا «BGM-71 TOW» تانكا ئاتار، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق نۇرغۇن ساندا قورال يوللىغانلىقىنى ئېيتتى. 

ئەل نۇسرا تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانى گېرمانىيەدە چىقىدىغان ھەپتىلىك «Focus’tan Jürgen Todenhöfer» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكلاتى دەپ ئېلان قىلىنغان سۈرىيەدىكى ئەل نۇسرا تەشكىلاتىغا قورال ياردەم قىلىنىشىغا باشقا بىرەر تەشكلاتنىڭ مۇرەسسەچىلىك قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىۋاستە بىزگە بېرىلدى. ئامېرىكىلىقلار بىزنىڭ يېنىمىزدا»  دېدى.

ئەل نۇسرا قوماندانى سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەد ۋە ھۆكۈمىتىنى ئىما قىلغان ھالدا: «بۇ ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلغانغا قەدەر ئۇرۇش قىلىمىز» دېدى ۋە مەقسىتىنىڭ شەرىئەت قانۇنلىرى بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان بىر دۆلەت قۇرۇش ئىكەنلىكىنى ھەمدە ھەرقانداق بىر سېكۇلار دۆلەت تۈزۈمىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەلەبكە ياردەم بۇيۇملىرى ئېلىپ ماڭغان ب د ت نىڭ ياردەم ئاپتوموبىللىرى بومباردىمان قىلىنىشتىن 10 كۈن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە، ئەل نۇسرانىڭ ياردەم ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ب د ت نىڭ ياردەم ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىشىمىز ئۈچۈن ئەسەد قىسىملىرى رايوندىن تولۇق چېكىنىشى لازىم. ئەگەر ئەسەد قىسىملىرى چېكىنمەي تۇرۇپ ياردەم ئاپتوموبىللىرى كېلىۋېرىدىغان بولسا، شوپۇرلارنى قولغا ئالىمىز»دېگەن ئىدى. 

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ، ئەل قائىدەدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە ئىسمىنىمۇ ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئەل نۇسرا تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەن ھازىرمۇ بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر