نىيۇيوركتىكى مۇسۇلمان كۈنى يۈرۈشىگە نۇرغۇن مۇسۇلمان ئاۋاز قوشتى

نىيۇيورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 31-قېتىملىق مۇسۇلمان كۈنى يۈرۈشىگە نۇرغۇن مۇسۇلمان قاتناشتى.

577017
نىيۇيوركتىكى مۇسۇلمان كۈنى يۈرۈشىگە نۇرغۇن مۇسۇلمان ئاۋاز قوشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىدە 31-قېتىملىق مۇسۇلمان كۈنى يۈرۈشى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىلقى شوئارى «ئاللاھ ۋە دۆلەت ئۈچۈن»بولغان ۋە ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمان جامائەتلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن مانھاتتاندا ئۆتكۈزۈلگەن يۈرۈشكە قاتناشقانلار، تىنچلىق شوئارلىرى يېزىلغان لوزۇنكىلار بىلەن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ مېڭىشتى.

يۈرۈشكە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەلگەن مۇسۇلمانلاردىن سىرت، باشقا دىنلارنىڭ مەنسۇپلىرى، نىيۇيورك مەجلىس باشلىقى مېلىسسا مارك-ۋىۋېرىتو، ئاممىۋى تەپتىش لېتىتىيا جېميىسمۇ قاتناشتى.

نىيۇيورك ساقچى ئىدارىسىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان مۇسۇلمان ساقچىلارمۇ قاتناشقان بۇ قېتىمقى يۈرۈش پائالىيىتىدىن كېيىن فېدراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى(FBI)  پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن مەيداندا مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەزالىرىنىڭ خىزمەتكە ئىلتىماس قىلىشلىرىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئورۇن تەسىس قىلدى. FBI نىڭ ئامېرىكىدا تېخىمۇ كۆپ مۇسۇلماننى ئىشقا ئېلىشنى پىلانلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئوغلى ئىراقتا ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغاندا ئۆلتۈرۈلگەن تېگى پاكىستانلىق  خىزىرخان، مۇسۇلمان كۈنى يۈرۈشىنىڭ «مۇراسىم ئۇستازى»ئۇنۋانى سالاھىيتىىدە سۆز قىلىپ، ئامېرىكا پۇقراسى مۇسۇلمانلارغا بۇ يىل نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئاۋاز بېرىشكە ۋە ھەر قانداق زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر