فىرانسىيەدە ياغلىقلىق بىر ئايال قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژنىڭ مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان پانتىن رايونىدا ياغلىقلىق بىر ئايال قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

576528
فىرانسىيەدە ياغلىقلىق بىر ئايال قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژنىڭ مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان پانتىن رايونىدا ياغلىقلىق بىر ئايال قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى.

«لې پارىسىئېن گېزىتى» نىڭ ساقچىلارنى مەنبە قىلىپ تۇرۇپ بەرگەن خەۋىرىدە، 23 – سېنتەبىر كەچتە كىملىكى نامەلۇم موتوسىكلىتلىق بىر كىشىنىڭ ئاپتوموبىلى بىلەن كاندالې كوچىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان 30 ياشلاردىكى ياغلىقلىق بىر مۇسۇلمان ئايالنى بېشىغا بەش پاي ئوق ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى تەكىتلەندى.

ھۇجۇمنىڭ ئىسلاموفوبىيا ئارقا كۆرۈنۈشلۈك بىر ۋەقە بولۇش ئېھتىمالى بارلىقى قەيت قىلىندى.  بوبىگني تەپتىش مەھكىمىسى، ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى.

فىرانسىيە ئىسلاموفوبىياغا قارشى كۈرەش قىلىش جەمئىيىتى بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلپ، ھۇجۇم توغرىسىدىكى تەكشۈرۈشتە، جىنايەت سادىر قىلىنغان جاي ۋە ياغلىقلىق بىر ئايالنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنىشىدەك كۆپلىگەن ئامىللار نەزەرگە ئېلىنىشى، ۋەقەنىڭ ئىسلاموفوبىيا خاراكتېرىنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا يەنە، نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئالاقىدار تارماقلارنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشى تەلەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر