ئىراقتىكى دائېشقا قارشى ھەرىكەتتە مۇھىم ئىلىگىرىلەشلەر بولماقتا

ئىراق قىسىملىرى بىلەن قەبىلە قوراللىق كۈچلىرى بىرلىكتە دائېشتىن نۇرغۇنلىغان يېزىنىڭ كونتروللۇقىنى تارتىپ ئالدى.

574178
ئىراقتىكى دائېشقا قارشى ھەرىكەتتە مۇھىم ئىلىگىرىلەشلەر بولماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق قىسىملىرى بىلەن قەبىلە قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ ئەنبار ۋە سەلاھىددىن ۋىلايەتلىرىدىن باشلىغان ھەربىي ھەرىكىتىدە، نۇرغۇنلىغان يېزىلار تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

ئەنباردىكى ئەل جەزىرە ھەربىي ھەرىكىتى قوماندانلىرىدىن مايور گېنېرال قاسىم ئەلمۇھەممەدى ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بەرگەن باياناتىدا، ئىراق قىسىملىرى بىلەن قەبىلە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئەل باغدادى ناھىيەسىنىڭ شىمالىدىكى ئەززىرا ۋە ھەجەر ئەلقۇسەير يېزىلىرىنى شۇنداقلا ئەل قۇسايرىيات يېزىسىنىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلىغانلىقىنى ئېيتتى.

مايور گېنېرال قاسىم ئەل مۇھەممەدى دائېشقا ئەزا بەزى تېررورچىلارنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئىككى ئاپتوموبىلنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى ۋە 213 بومبىنىڭمۇ پارتلىماس ھالغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.

سەلاھىددىن ۋىلايىتىدىن باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشقان ئىراق ساقچى ئىدارىسىدىن يۈز بېشى گازۋان ئەلجۇبۇرىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ سەلاھىددىن ۋىلايىتىدىكى ئاخىرقى قەلئەلىرىدىن بىرسى بولغان ئەش شارقات شەھىرى ئەتراپىنىڭ قورشاۋغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.  شەھەرنىڭ غەربىي قىسمىدىن 3، جەنۇبىدىن 2 ۋە شىمالىدىن 10 كىۋادرات كىلومېتىرغىچە بولغان جايلارنىڭ كونتروللۇقىنىڭ تارتىپ ئېلىنغانلىقىنى ھەمدە يېزىلارنىڭ دائېشتىن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا 1 ئىراق ئەسكىرى ئۆلۈپ، 6 ئەسكەرنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ئېيتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، پايتەخت باغدادنىڭ ئەل ماھمۇدىيە ناھىيەسى، ئەبۇ دۇشەير مەھەللىسىدە ۋە ئەل بەييا رايونىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇملىرىدا، 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. 5 ساقچى بىلەن قوشقاندا 17 كىشى يارىدار بولدى. ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچ كىشى ئۈستىگە ئالمىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر