نيۇ يورك تايمىزغا «15 - ئىيۇل» توغرىسىدا پۈتۈن سەھىپە ئېلان بېسىلدى

ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى گېزىتلىرىدىن نيۇ يورك تايمزغا بېرىلگەن بىر پارچە ئېلاندا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى بايان قىلىندى.

574336
نيۇ يورك تايمىزغا «15 - ئىيۇل» توغرىسىدا پۈتۈن سەھىپە ئېلان بېسىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە – ئامېرىكا سودا – سانائەتچىلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن تولۇق بەتلىك ئېلانغا «تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك دېموكراتىيەسى ۋە كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادىغا مەبلەغ سېلىڭلار» دەپ ماۋزۇ قويۇلدى.

ئېلاندا، 15 – ئىيۇل كېچىسى تۈركىيە دېموكراتىيەسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى، خەلققە خىيانەت قىلغۇچىلارنىڭ خەلق ئىرادىسىنى قولغا كىرگۈزۈشكە ئورۇنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە بۇ قانلىق ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇقىم ۋە كۈچلۈك ھالەتكە كەلگەنلىكى قەيت قىلىنغان ئېلاندا، سودا – سانائەتچىلەر تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىرىلدى.

ئېلاندا، «پۈتكۈل خەلقئارالىق مەبلەغ سالغۇچىلارغا خىتاب قىلىمىز، كېلىڭلار بۇ دېموكراتىيە زەپىرىگە قېتىلىڭلار. تۈركىيە خەلقىنىڭ سېپىدىن ئورۇن ئېلىڭلار» دېيىلدى.

تۈركىيەدە 48 مىليون ئىنتېرنېت، 74 مىليون يانفون قوللانغۇچىسى بارلىقى خاتىرىتىلگەن ئېلاندا، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا، ياۋروئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىر كۆۋرۈك ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. ئېلاندا يەنە، تۈركىيە سودا – سانائەت دۇنياسىنىڭ رايوننىڭ ئىقتىسادىي ۋە تەرەققىيات موتورى ئىكەنلىكىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر