بوسنىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق ئىلتىماسى قوبۇل قىلىندى

بىلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدە تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان باياناتتا،  بوسنىيە - گېرىتسېگوۋىنانىڭ ئىلتىماسىنىڭ رەسمىي قوبۇل قىلىغانلىقى جاكارلاندى.

574409
بوسنىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق ئىلتىماسى قوبۇل قىلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوسنىيە - گېرىتسېگوۋىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا نامزاتى بولۇش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىندى.

بوسنىيە - گېرىتسېگوۋىنا 15 – فىۋرالدا ئەزا نامزاتى بولۇش ئىلتىماسى سۇنغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ياۋروپا ئىتتىپاقى تەلەپ قىلغان ئىلتىماس سۇنۇش شەرتلىرىنى تاماملىدى.

بىلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدە تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان باياناتتا،  بوسنىيە - گېرىتسېگوۋىنانىڭ ئىلتىماسىنىڭ رەسمىي قوبۇل قىلىغانلىقى جاكارلاندى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بوسنىيە - گېرىتسېگوۋىنانىڭ قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكى، ئىجتىمائىي ئادالەت ۋە ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەر بويىچە نامزاتلىق سالاھىيىتىگە ماس كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىزمەتنىڭ تەخمىنەن بىر يىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا. بۇ باسقۇچ ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بوسنىيە - گېرىتسېگوۋىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىغا نامزات دۆلەت سالاھىيىتىگە ئېرىشىشىنى مۆلچەرلىمەكتە.

ئالاقىدار مۇتەخەسسىلەر بوسنىيە - گېرىتسېگوۋىنانى ئاز دېگەندىمۇ 10 يىل داۋاملىشىدىغان مۇزاكىرە باسقۇچى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. 

بوسنىيە - گېرىتسېگوۋىنا ياۋروپا ئىتتىپاقى بويىچە ئىشسىزلىق نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتلەرنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ. پۇقرالىرىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتەن بىرى يوقسۇللۇق ئۆلچىمىدىنمۇ تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بوسنىيە - گېرىتسېگوۋىناغا ئالاقىدار قارارىنى مەمنۇلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «دۆلىتىمىز نامزاتلىق ئۈچۈن كېرەكلىك شەرتلەرنى ئورۇندىغان ۋە تۇلۇق ئەزالىق ئىلىتىماسى قوبۇل قىلىنغان بوسنىيە - گېرىتسېگوۋىنانىڭ، بۇ قارار بىلەن تەڭ باشلىنىدىغان مۇزاكىرە باسقۇچلىرىدىمۇ غەلىبىلىك نەتىجىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. تۈركىيە بوسنىيە - گېرىتسېگوۋىنانىڭ بارلىق ياۋروپا ۋە ئاتلانتىك ئورگانلىرى بىلەن بىر پۈتۈنلىشىشىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر