نىيۇ يوركتىكى پارتلاشقا مۇناسىۋەتلىك بەش ئادەم تۇتۇلدى

نىيۇ يورك ساقچىلىرى بىلەن فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ خادىملىرى17-سېنتەبىر نىيۇ يورك شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك بەش كىشىنى تۇتتى.

572724
نىيۇ يوركتىكى پارتلاشقا مۇناسىۋەتلىك بەش ئادەم تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىيۇ يورك ساقچى دائىرىلىرى بىلەن فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ خادىملىرى برۇكلىن ئارىلى بىلەن ستېيتىن ئارىلىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان ۋېرازانو كۆۋرۈكىدە بىر ئاپتوموبىلنى توختىتىپ، ئىچىدىكى بەش ئادەمنى تۇتتى.

فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، جىنايەتچىلەرنىڭ تۇتۇلغانلىقى، ئەمما ھازىرچە پارتلاشقا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئەيىبلەنمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

17-سېنتەبىر نىيۇ يورك شەھىرىنىڭ مانخاتتون رايونىدىكى پارتلاش ۋەقەسىدە 29 ئادەم يارىلانغان ئىدى. نىيۇ يورك شەھەر باشلىقى بىل دېبلاسىيو باياتىدا، ۋەقەنىڭ زوراۋانلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان «پىلانلىق جىنايەت» ئىكەنلىكىنى، بىراق كىملەر تەرىپىدىن، نېمە مەقسەتتە قىلىنغانلىقىنىڭ ئېنىق بېكىتىلمىگەنلىكىنى قەيت قىلغان ئىدى.

نىيۇ يوركتىكى پارتلاشتا قوللىنىلغان پارتلىتىش ئۇسۇلىنىڭ بوستون مارافونچە يۈگرەش مۇسابىقىسىدىكىگە ئوخشايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر