ئامېرىكىنىڭ 62 ئەسەد ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈشى قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلدى

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىنىڭ سۈرىيەدە بىر بازىغا ھۇجۇم قىلىپ 62 ئەسەد ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

572218
ئامېرىكىنىڭ 62 ئەسەد ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈشى قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا  قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان دەير ئەز-زۇر ۋىلايىتىدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە بىر ھەربىي بازىنى بومباردىمان قىلىپ،  62 سۈرىيە ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېنېرال ئىگور كوناشېنكوۋ، دەير ئەز-زۇر ئايرودۇرۇمىغا يېقىن جايلارغا 4 ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن قىلىنغان ھۇجۇمدا 62 سۈرىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 100دىن ئارتۇق ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

كوناشېنكوۋ ئايروپىلانلارنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىراق چېگراسىدىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

موسكوۋا ھۆكۈمىتى  رايوندىكى سۈرىيە قىسىملىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئوباما ھاكىمىيىتى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 62 سۈرىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىن قايغۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا مېدىياسىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە ئوباما ھاكىمىيىتىگە ۋاكالىتەن  سۆز قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك بىر  ئەمەلدار، ئامېرىكا ھاكىمىيىتىنىڭ 62 سۈرىيە ئەسكىرىنىڭ «غەرەزسىز ھالدا ئۆلتۈرۈلۈشىدىن قايغۇرۇپ پۇشايمان قىلغانلىقىنى» ئېيتقان.

ئامېرىكا مەركەز قىسىملىرى قومداندانلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىنىڭ دەير ئەز-زۇر شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر بازىنى «دائېشنىڭ بازىسى دەپ ئويلاپ» ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «سۈرىيە ئارمىيەسىگە تەۋە خادىم ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى رۇس مەسئۇللىرىنىڭ ئامېرىكا دائىرلىرىگە بىلدۈرۈشىگە قارىتا، ھاۋا ھۇجۇملىرى توختىتلىدى.»

ھۇجۇمغا ئۇچرىغان رايوندا ھۇجۇمدىن ئىلگىرى يېتەرلىك دەرىجىدە كۆزىتىش ۋە چارىلاش ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، رۇس مەسئۇللارغا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھاۋا ھەرىكەت مەركىزىدە ئورۇن ئالغان خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى تەرىپىدىن مەلۇمات بېرىلگەنلىكىمۇ بىلدۈرۈلدى.

سۈرىيەنىڭ  ھەربىي جەھەتتىن تولىمۇ مۇرەككەپ قۇرۇلمىغا ئىگە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى سۈرىيە ئەسكەرلىرى بولغان بىر بازىنى قەستەن بومباردىمان قىلمايدۇ.»

62 سۈرىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن رۇسىيەنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى جىددىي يىغىن چاقىردى.

تەخمىنەن 1 سائەت داۋاملاشقان يېپىق يىغىندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى سامانتا پاۋۇر مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقلىرى توغرۇلۇق ئوتتۇرىغا چىققان قاراشلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: « بىز قەستەنلىك بىلەن سۈرىيە ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلمىدۇق، تولىمۇ ئەپسۇسكى، ھۇجۇمدا ئادەملەرنىڭ ئۆلۈشىدىن تولىمۇ قايغۇردۇق.»

رۇسىيەنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئۆتكۈزۈشىگە چاقىرىشىنى تەنقىد قىلغان پاۋۇر، 2011-يىلدىن بۇيان سۈرىيەدە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقنى قەستەن ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خەلقىگە خىمىيىۋى قوراللار ئىشلەتكەنلىكىنى، شەھەرلەرنى قورشاۋغا ئېلىپ ئىنسانلارنى ئۆلۈمگە تەرك قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مۇشۇنداق ئەھۋاللار يۈز بېرىۋاتقاندا، رۇسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى يىغىنغا چاقىرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئىنكاسمۇ قايتۇرۇپ قويمىدى. جاۋابكارلارنىڭ ھېساب بېرىشى ئۈچۈن ب د ت  خەۋپىسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇلغان لايىھەلەرگىمۇ توسالغۇ بولدى.»

رۇسىيەنىڭ ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋەكىلى ۋىتالىي چۇركىنمۇ ئامېرىكىنى سۈرىيەدە توقۇنۇشلارنى توختىتىشقا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ، سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق دائېش بازىلىرىنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىدى.

سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن رۇخسەت بەرگەنلىكىنىمۇ ئېيتقان چۇركىن مۇنداق دېدى: «سۈرىيەدە ياردەم بۇيۇملىرى ئېلىپ بارغان تۇنجى سەپەرلىك يۈك ماشىنلىرى ئەتە ئەتىگەن يولغا چىقىشى مۇمكىن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر